The Elephant · al-Fil · سورة الفيل · 5 ayahs

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟(1)

أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ

ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟(2)

وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ

ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى(3).

تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ

قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ(4)،

فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ

ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى(5).